- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ساخاۋەتچى ئوغلانىمىز پۇل تاپقاندا يۇرتداشلىرىنى ئۇنۇتمىدى
2016.01.08 16:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئۇچتۇرپان بازارلىق مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشخانىسىدىن پاتىمە ياقۇپ) ئۇچتۇرپان ناھىيەمىزدىكى ياش كارخانىچى توخنىياز راخمان پۇل تاپقاندا يۇرتداشلىرىنى ئۇنۇتماي ، ئۇچتۇرپان بازىرى تەۋەسىدىكى ئۈچ نەپەر 60 ياشتىن ئاشقان ئىگە-چاقىسىز، ياشانغان نامرات ئاممىغا 5500 يۈەن قىممىتىدىكى ، بىر توننىدىن كۆمۈر،ئون كىلوگىرامدىن گۆش،ئىككى خالتىدىن گۈرۈچ،ئىككى خالتىدىن ئۇن، 20 كىلوگىرام سۇ ماي تارقىتىپ ئۇلارنىڭ زىمىستان قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا ياردەم قولىنى سۇندى .
ئۇ مۇنداق دېدى :«مەن گەرچە نامراتلارغا كۆپ ياردەم قىلالمىساممۇ لېكىن ھەر ئايدا ئۈچتىن بەشكىچە نامرات كىشىگە بەشمىڭ يۈەندىن ئونمىڭ يۈەنگىچىە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرمەن» دېدى .ساخاۋەتچى ياشنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئامما يىغلاپ تۇرۇپ :«ئوغلىمىزغا كۆپ رەھمەت، تىجارىتىڭىز روناق تېپىپ تېخىمۇ كۆكلەپ كېتىڭ »دەپ ئۆز مىنەتتارلىقىنى بىلدۈرشتى.
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر