باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا

2016.01.11 09:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭىلىق يارىتىش دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدا بارغانسېرى مۇھىم بولۇپ كەلدى، ھەتتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يادرولۇق ئىدىيەسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش يولىغا ئاتلىنىپ بولدى، بۇ دەل جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتىي كۈچىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتىگە ئايلاندى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك ئاساسى بولۇپ قالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆز كۈچىگە تايىنىش-جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا مۇستەقىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ كۈرەش ئاساسى، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش-بىزنىڭ دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ چوققىسىغا چىقىشىمىزنىڭ مۇقەررەر يولى. يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات ئورگانلىرى، كارخانىلار مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ئۆزىگە خاس قالتىس ماھارەتلەرنى يارىتىپ، يەر شارى پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئالدىدا ماڭماقتا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز مەنبەلىك يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتىنى قوللاشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. 2014-يىلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش چىقىمى بىر تىرىليون 330 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %2.09 كە يەتتى؛ ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ 2015-يىللىق تەبىئىي كۆرسەتكۈچى» قوشۇمچە سانىدىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك پەن تەتقىقات مەھسۇلاتى 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە %37 ئاشقان، جۇڭگونىڭ دۇنيا يۇقىرى سۈپەتلىك پەن تەتقىقاتىغا قوشقان ئومۇمىي تۆھپىسى ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرغان.

  مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسۈشى-ئېلىمىز پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى يەر شارى مۇسابىقە مەيدانىدا تېخىمۇ ئالدىغا قاراپ يېتەكلىمەكتە. جوڭگۈەنسۈندىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ نامو ئېنېرگىيەسى ۋە سىستېمىسى تەتقىقاتخانىسىدا، نامو تېخنىكىسىنى چۆرىدىگەن بىر دۇنياۋى مۇسابىقە جىممىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۇلار بىر يىپيېڭى ئېنېرگىيە شەكلى، يەنى نامو گېنېراتورىنى بايقىدى. سەللا ئۇۋۇلاپ قويۇلسا، نامو ماتېرىيالى تولۇق سۈرۈلگەن بىر نېپىز پەردە توك چىقىرىپ، نەچچە ئون LED لامپۇچكىسىنى يورۇتالايدۇ.

  جۇڭگولۇقلاردا ئەزەلدىن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كەم بولغان ئەمەس، بۇ يەردىكى مۇھىم ھالقا-يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قانداق قىلىپ تولۇق قوزغىتىشتا. يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى سۈپىتىدە ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ماتورى پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن ھەرىكەتلەنمەكتە. 2015-يىلى، تيەنجىن، چېڭدۇ، شىئەن، لەنجۇ، خاڭجۇ، جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق جايلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت دەرىجىلىك مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ تەستىقلاندى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ سانى 11 گە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى. پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئالدىن يولغا قويۇلغان، ئالدىن سىناق قىلىنغان بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرى مۇھىم يېتەكلەش، تەسىر كۆرسىتىش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇردى.

  بىر كوللېكتىپنىڭ ھالقىشى، بىر ئالىمنىڭ ئالدىدا مېڭىشىدىن تۈركۈملىگەن ھەمكارلىق سەھنىسى، ئىستراتېگىيە ئىتتىپاقى، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگىچە، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇق ئۇرغۇتۇلماقتا. جۇڭگو مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، ئۆزى شۇنداقلا دۇنيانىڭ پارلاق كېلەچىكىنى يارىتىش ئۈچۈن تېرىشماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر