باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئۇزاققىچە مەنپەئەتلىنىدىغان ياخشى ئىشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، نوپۇس بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2016.01.08 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 7-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا مۇھىم تەستىق سالدى. تەستىقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرى پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پائال تۆھپە قوشتى. يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى نوپۇسنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشقان مۇھىم تەدبىر. جايلار، تارماقلار ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق يۈرۈشلەشكە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە پىلانلىق تۇغۇت بويىچە ئىش كۆرگەن ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئۇزاققىچە مەنپەئەتلىنىدىغان ياخشى ئىشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، نوپۇس بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىق، كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى مۇقىم، پۇختا يولغا قويۇپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ياخشى بولغان نوپۇس مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر