باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭشىدا ئوقۇتقۇچى، دوختۇرلارنىڭ ئىستېپا بېرىشى ئىلھاملاندۇرۇلدى

«دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى»دىن «خەلق باشقۇرۇشى»غا ئالمىشىشدا توسالغۇ تەسىس قىلىنمايدۇ

2016.01.11 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلدىن باشلاپ، جياڭشى ئۆلكىسىدىكى ئوقۇتقۇچى، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئاممىۋىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ، داۋالاش ئورگانلىرى ئارىسىدىكى مۇۋاپىق، تەرتىپلىك بولغان ئالمىشىشقا چەكلىمە قويۇلمايدۇ، مۇناسىپ ئىقتىساسلىقلار ئالمىشىش تۈزۈلمە - مېخانزمىدىكى توسالغۇلار بىكار قىلىنىدۇ.

  جېجياڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى، ئۆلكىلىك سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت نازارىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «دۆلەت باشقۇرۇشى ۋە خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ، داۋالاش ئورگانلىرى ئارىسىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇۋاپىق، تەرتىپلىك ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، 2016-يىلىدىن باشلاپ شىتاتى بار بولغان دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرخانىلاردىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ كەسپىي ئورۇنلارغا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامىنى بىكار قىلىپ ياكى توختىتىپ، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ، داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدىغانلىقى، داۋاملىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنى تاللىسىمۇ ياكى كارخانا خادىملىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنى تاللىسىمۇ بولىدىغانلىقى، خادىم تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ خادىملارنىڭ ئالمىشىشىنى چەكلەشكە بولمايدىغانلىقى (خادىم ئىشلىتىش توختامىدىن باشقا كېلىشىم بار بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا) بەلگىلەندى.

  بۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ، داۋالاش ئورگانلىرىدىكى ئەسلىدە دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانىلار شىتاتىدىكى خادىملار ئەگەر قايتىدىن دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانىلارغا قايتىپ بارماقچى بولسا، ئوخشاش دەرىجىدىكى مائارىپ، سەھىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئادەم كۈچى، ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بىۋاستە تەكشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر