باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

200 مىليارد يۈەن كەسىپ فوندى ئېلىكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسىپىگە سېلىنىدۇ

2016.01.11 09:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئېلىكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسىپى بىرلەشمە كومىتېتى 8-يانۋار پىڭئەن بانكىسى بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، «فوند قوشۇلغان سۇپا» دىن ئىبارەت ھەمكارلىق قېلىپى ئارقىلىق 200 مىليارد يۈەنلىك كۆلەمدىكى ئېلىكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسىپى فوندىنى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت، كېڭەش، پۇل مۇئامىلە، ئىگىلىك تىكلەش ئۆمىكى، يېڭلىق ياراتقۇچىلار، ئابونت بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

  جۇڭگو ئېلىكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسىپى بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ زىشۆنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەسىپ فوندى ئاچقۇچلۇق ئاساسى ھالقا، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسى، بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرنى نىشان قىلىدىكەن. بۇ يادرولۇق ئاساسى زاپچاسلار، ئىلغار ئاساسىي ھۈنەر سەنئەت، ئاچقۇچلۇق ئېلىكتىرونلۇق ماتىريال، يېڭى بىر ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش ئەسۋابى ۋە سېستىمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ئەقىلىي ئىقتىدارلىق شەھەر قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كېيىنكى قەدەمدە جۇڭگو ئېلىكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپى بىرلەشمە كومىتېتى پىڭئەن بانكىسى بىلەن ھەر قايسىسى ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئىستراتېگىيىسىنى تەتقىق قىلىش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش، مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زور تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش، نۇقتلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىشىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر