باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى خىيانەتچىلىك - پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تۇنجى ئايال باشلىقى خىزمەتكە تەيىنلەندى

2016.01.11 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لۇ شى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىرىكتۈرۈپ تەشكىللىگەن يېڭى خىيانەتچىلىك - پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تۇنجى باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ ھەمدە خىيانەتچىلىككە قارشى باش ئىدارە قۇرۇلغان 20يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئايال باشلىق بولۇپ قالدى.

  ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 57ياشقا كىرگەن لۇ شى ئىلگىرى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىدا ئىشلىگەن بولۇپ، 2006-يىلدىن باشلاپ تەپتىش سىستېمىسىغا كىرىپ خىزمەت قىلغان، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئىككىنچى تارماق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر