باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى

2016.01.08 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ) ئۇچتۇرپان ناھىيەسى پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، تۈرلۈك تەدبىر سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  بۇ ناھىيە پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى مۇھىم خىزمەتلەر كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىپ، ناھىيەلىك پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ماسلاشتۇرىدىغان، ھەر قايسى تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بەردى. سەككىز يۈز ئەللىك مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پاكلىق قۇرۇلۇشى ئىبرەت تەربىيەسى بازىسى قۇرۇپ، تىپىك دېلولار ئارقىلىق پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلارغا ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى بېرىشنى دائىملاشتۇردى. «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» نى تەرتىپكە سېلىشنى چىڭ تۇتۇپ، كۈتۈۋېلىش تەرتىپى ۋە ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى شەخسى ئىشقا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ساياھەتكە بېرىش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى بويىچە كۈتۈۋېلىش خىراجىتىنى %21، ماشىنا سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش خىراجىتىنى %16 كە چۈشۈردى. ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھوقۇقنى تىزگىنلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى مەنبەدىن يوقىتىش، ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى.

  2015-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشى ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا چېتىشلىق جەمئىي 75 دېلونى ئىشلەپ ئاياغلاشتۇرۇپ، دېلوغا ئالاقىدار 70 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزام جازاسى، بەش كىشىگە سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر