باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ پولات-تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار كەسىپلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2016.01.08 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4-يانۋار تەييۈەندە پولات-تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇزاكىرىلىشىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  پولات-تۆمۈر، كۆمۈرنى كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكە ۋە 24 باشلامچى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ رۇلىن، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چىڭۋېي، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لى شياۋپېڭ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى باتېر، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى گو شۇچىڭ ۋە خېبېي پولات-تۆمۈر گۇرۇھى، جياڭسۇ «شاگاڭ» گۇرۇھى، شەنشى كۆمۈر-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، خۇەينەن كانچىلىق گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ئەھۋالنى دوكلات قىلدى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا يەنە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر مۇزاكىرىلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پولات-تۆمۈر بىلەن كۆمۈرچىلىك مۇھىم ئۇل كەسىپ، دۆلەتنىڭ سانائەتلىشىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. بۇلتۇردىن بۇيان، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بازار ئېھتىياجىنىڭ كۆرۈنەرلىك چۈشىشى، خەلقئارا تاۋار باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشى تەسىرىدە، پولات-تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ قېلىش زىددىيىتى گەۋدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىيىنچىلىقى ئېغىرلىشىپ، ئىقتىساد ۋە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلاندى. چوقۇم تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسى تىكلەپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ بازار چارىسىدىن پايدىلىنىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىش، ئېھتىياجلىق مەبلەغ، خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قەرز بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىلىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، كارخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش جەريانىدا زىياننى ئوڭشاپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، تەرەققىيات يولىغا مېڭىشىغا ياردەملىشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر