خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-يانۋار 13-جىتۈەنجۈننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىيۋىلىكى كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ 5-يانۋار سائەت 9:00لەردە 13-جىتۇەنجۈن ئورگىنىغا كېلىپ، چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى، 13-جىتۇەنجۈن ئورگىنىنىڭ باشلىقى ۋە شتاتلىق تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن جىتۇەنجۈن ۋە چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە يېڭى يىللىق تىلەك تىلىدى.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ جىتۇەنجۈننىڭ ھەربىي تارىخ مۇزېيىنى كۆردى. شى جىنپىڭ ئاڭلىغاچ، كۆرگەچ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سورىدى، جىتۇەنجۈننىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق «قۇدرەتلىك قوشۇن»، «تاغلىق رايوندىكى زەربىدار قوشۇن» بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ جىتۇەنجۈن رەھبەرلىرىنىڭ لىيەنگە چۈشۈپ ئەسكەر بولۇش پائالىيىتىنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدىكى ماتېرىيال سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، جىتۇەنجۈن رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ليەندە ئەسكەر بولۇپ تۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، جايلاردىن ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەر مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ ئەينى يىلدىكى قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئاشلىققا چىداپ كەمەرنىڭ يېرىمىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇنى ئېلىپ يەنئەنگە بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلىنىپ: «مانا بۇ ئېتىقادنىڭ كۈچى، جان-دىل بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىشنىڭ جانلىق كارتىنىسى.» دېدى. ئۇ كۆپچىلىككە قىسىمدىكى قىزىل كۈچلەرنى ياخشى قېزىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، «قىزىل گېننى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ مەڭگۈ پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى