باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.01.08 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 7-يانۋار پۈتۈن كۈن يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۆتكەل جېڭىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى توغرا سىياسەت يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىدىيە، سىياسەت جەھەتتە باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ ئويلىغىنىنى ئويلاپ، ئالدىرىغىنىغا ئالدىراپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن تەرەققىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك-ئىنتىزامچان بولۇش مىزانى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامى»نى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ ئۆزىنى قۇرۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئورگان ۋە سىستېمىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، كادىرلار قوشۇنىنى ياخشى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر