- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2016.01.11 09:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 9- يانۋار خەۋەر قىلىشىچە: سۇرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئالىم، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۇرىيە مەسىلىسى تىنچلىق سۆھبىتىگە ئۆز ۋاقتىدا قاتنىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇئالىم مۇنداق دېدى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېررورلۇققا داۋاملىق زەربە بېرىشنى ۋە سۇرىيەلىكلەر ئوتتۇرسىدىكى سۆزلىشىشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئىسىملىكى بىلەن سۇرىيە تەۋەسىدىكى تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى تېزدىن بېكىتىش كېرەك .
مۇئالىم مۇنداق دېدى: سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرى، تېررورلۇققا زەربە بېرىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن، بۇنىڭدا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تېررورچىلارنى قوللىشىنى ئالدى بىلەن توختىتىشىغا توغرا كېلىدۇ .
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر