باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى سىياسىي ئاساسنى پۇختىلايلى

2016.01.08 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن يېقىندا بىر قىسىم ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىلىرى ۋە مەركەزنىڭ مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرى پارتگۇرۇپپىلىرى شۇجىلىرى، ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى باشلىقلىرى ھەمدە مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش، 2016-يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئوبدان پىلانلاش ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ۋاڭ چىشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى تارىخىي ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن چوڭقۇر ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئېنىق بېكىتىش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئاساسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنى مول، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بارلىقى ئەمەس، بەلكى مۇھىم تەركىبىي قىسمى؛ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ بارلىقى ئەمەس بەلكى مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيەنى باشقۇرۇپ ۋە ئىدارە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئىنتايىن ئاز ساندىكى چىرىك ئۇنسۇرلارنىلا جازالاپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن پارتىيەگە تايىنىش، پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش لازىم. ئاساسىي گەۋدىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم ئاز ساندىكى كىشىلەر» نى چىڭ تۇتۇپ، رەھبەرلىك يادرولۇق رولى ۋە جەڭگىۋار قۇرغانلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش قۇرۇق سەپسەتە بولۇپ قالماسلىقى لازىم، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىشنى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئادەم ۋە ئىشقا قاراش، قاراتمىلىق ۋە ئۈنۈمدارلىقنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، نازارەتچىلىكنى ۋە ئىنتىزام مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. تەكرار سەپەرۋەر قىلغاندىن، بىر قېتىم مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەلا. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا بېسىمنى قاتلاممۇ-قاتلام قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، «ئىككى مەسئۇلىيەت» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر