خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ،قاراشەھەر ناھىيە سورتلۇق ئۇرۇقچىلىق مەيدانى جيې رۇيجيېنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدا ،بىر ئىشچى قارا باش دورپېر قويىغا يەم -خەشەك بەرمەكتە.
جيې رۇي جيې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن بۇلتۇر 6-ئاينىڭ ئاخىرى ،سەندوڭدىن 600دانە قارا باش دورپېر قويى كىرگۈزگەن ئىدىم ،بۇ قويلار شىنجاڭنىڭ كىلىماتىغا تولۇق ماسلاشتى،بۇ قارا باش دورپېر قويىنىڭ ئۆسۈپ -يېتىلىش دەۋرى قىسقا ،تۆللەش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ساغلىق قوي بىر يىلدا ئىككى قېتىم تۇغىدۇ ،ئوتتۇرىچە بىر يىلدا ئىككى قوزىلىق بولۇشقا بولىدۇ ،بۇيىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كۆپىيىپ 1500گە يېتىدۇ ،بۇنىڭدىن 500يۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالىمەن .
يېقىندىن بېرى ،قاراشەھەر ناھىيەسى نەسىللىك چارۋا تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە يېتىلدۈرۈپ،«قارا باش دورپېر قويى »،«كۆپ كېزەك قوي»قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك گۆش قويلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ ،يېڭى سورتلارنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ ،چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ،تېزدىن بېيىشىغا ئاساس سالدى. (ئالىمجان موللىرۇزى ،سېتىۋالدى قاسىم خەۋىرى)
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى