باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر

2015.12.28 13:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئاڭلىسام، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ناھايىتى تەسكەن››، ‹‹بۇ يىل كەسىپ تاللاش چەكلىمىسى بىكار قىلىنغان ئاخىرقى يىلمۇ؟ مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتسام بولامدۇ؟››، ‹‹ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتى كونترول قىلىنامدۇ؟›› 11 – ئاينىڭ باشلىرىدا بېيجىڭدىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئاخىر ‹‹دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى›› بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئىمتىھانىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر تەدرىجىي ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.

  ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئىمتىھانى بېرىدىغانلارنى تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ مەسلىھەتچىسى خەن سىۋېي مۇنداق دېدى: ھازىر ئوقۇغۇچىلار مەسلىھەت سوراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار <<مائارىپ بىلىملىرى ۋە ئىقتىدارى>> ئىمتىھانىدىن ئەندىشە قىلماستىن، ئەكسىچە <<ئۇنىۋېرسال ساپا>> ئىمتىھانىنىڭ قايسى جەھەتلەرگە چېتىلىدىغانلىقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يۈزتۇرا ئىمتىھان، يەنى ئىلگىرىكى ‹‹سىناق دەرس ئۆتۈش›› بولۇۋاتىدۇ.

  بەزى جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئىمتىھانى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بۇنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغىنى ‹‹پېداگوگىكا›› بىلەن ‹‹مائارىپ پىسخولوگىيەسى›› پەنىدىن ئىمتىھان بېرىدىغان غەيرىي پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولدى. خەن سىۋېي مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ بەزى ئاپپاراتلار ساختا تەشۋىق قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن غەيرىي پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئىمتىھانى بەرمەيدۇ، كېلەر يىلى ئاخىرقى يىل بولىدۇ، دېگەچكە، غەيرىي پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا بىر خىل ۋەھىمە پەيدا بولدى. مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا مۇنۇلارنى بايقىدى: بۇلتۇر 10 – ئايدا بېيجىڭ شەھىرى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى سىياسىتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ ‹‹قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشىدۇ›› دەپ تەشۋىق قىلغان، يەنە بەزى ئاپپاراتلار ‹‹ئاخىرقى بىر يىل›› دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ھەققى يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.

  بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە، پېداگوگىكا مەكتەپلىرى بىلەن غەيرىي پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ‹‹دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى››دىن ئۆتسە ئاندىن ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ. ئۇنداقتا، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىسلاھاتى جەريانىدا، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، مەكتەپلەر ھەم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

  بوسۇغا تېخىمۇ ئېگىزلىتىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ‹‹تۆمۈر تاۋىقى›› چېقىپ تاشلىنىدۇ.

  ئىسلاھاتتىن ئىلگىرى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىش باشقا گۇۋاھنامىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر ئاسان ئىدى. 2014 – يىلى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن فۇ خانىم مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئەستايىدىل تەكرار قىلساقلا، يازمىچە ئىمتىھاندىن ئاسان ئۆتكىلى بولاتتى، يەنە كېلىپ تەلەپمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى. سىناق دەرس ئۆتۈشتە سىنىپتا دەرس ئۆتۈش تەلەپ قىلىنمايتتى، پەقەت 15 مىنۇت ئىچىدە ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش لايىھەسى ۋە ئوقۇتۇش مېتودىنى ئىپادىلەپ بەرسىلا كۇپايە ئىدى.

  ئىسلاھاتتىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە كىرىش بوسۇغىسى ‹‹ئېگىزلىتىلدى››. بۇنىڭ بىرىنچىسى ئوقۇش تارىخى بوسۇغىسىدۇر. ئىككىنچىسى، ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ مۇناسىپ ئۆستى. ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشنىڭ يازمىچە ئىمتىھانى ئاساسلىقى ‹‹پېداگوگىكا›› ۋە ‹‹مائارىپ پىسخولوگىيەسى›› دىن ئىبارەت ئىككى پەندىنلا ئېلىناتتى، ھازىر دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ‹‹پېداگوگىكا›› بىلەن ‹‹مائارىپ پىسخولوگىيەسى›› بىرلەشتۈرۈلۈپ ‹‹مائارىپ بىلىملىرى ۋە ئوقۇتۇش ئىقتىدارى›› دەپ بىر پەن قىلىندى ھەم ‹‹ئادەتتىكى پىسخولوگىيە›› دېگەن مەزمۇن قوشۇلدى؛ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش يازمىچە ئىمتىھانىغا يەنە ‹‹ئۇنىۋېرسال ساپا›› دېگەن پەن قوشۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىش ئىمتىھانىغا يەنە ‹‹پەننىي بىلىملەر ۋە ئوقۇتۇش ئىقتىدارى›› دېگەن ئۈچىنچى پەن قوشۇلدى.

  ھازىر ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئىمتىھانى يازمىچە ئىمتىھان ۋە يۈزتۇرا ئىمتىھان دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلدى، يازمىچە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، يۈزتۇرا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە، يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئالغىلى بولمايدۇ. بەزىلەر بۇ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى ئىقتىدارىغا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىدى.

  (‹‹مائارىپ گېزىتى››دىن)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر