يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېكسىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ۋېراكرۇز ئىشتاتىدا 10-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بىر ئاپتوبۇس كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندىمۇ 18 ئادەم قازا قىلىپ، 15 ئادەم يارىلانغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاپتوبۇس كوردوبا شەھىرىگە بېرىپ پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە –تاۋابىئاتلىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىكەن.