باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ

2015.12.28 13:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئالىي مەكتەپلەر جەمئىيىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا گېرمانىيە ‹‹ئېچىۋېتىلگەن ئۇنىۋېرسىتېت›› قۇرۇش تەشەببۇسى چىقىرىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش پىسخىكىسىغا قارشى تۇرۇپ، مۇساپىرلار كىرىزىسىدە ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق، كۆپ خىللىققا ئىگە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان. ياۋروپا ئالىي مەكتەپلەر جەمئىيىتى گېرمانىيەنىڭ بۇ تەشەببۇسىنى ئالقىشلىغان.

  ياۋروپا ئالىي مەكتەپلەر جەمئىيىتىنىڭ ‹‹2015 – يىلىدىكى يۈزلىنىش دوكلاتى››دا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارالىشىش ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ قالغان. دۇنيا مىقياسىدا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق ئېشىۋېتىپتۇ، كۆپلىگەن كىشى ياۋروپادا ئوقۇشقا قىزىقىدىكەن. شۇڭا ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنى يالغۇز ياۋروپا پۇقراسىغىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا پۇقراسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك ئىكەن.

  ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ھەرقايسى ئەل ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىملار، تەتقىقاتچىلارنى قارشى ئالىدۇ. ھازىر كۆچمەنلەر كۆپلەپ كىرىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ياۋروپا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەسىرنىڭ زور خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ياۋروپا ئالىي مەكتەپلەر جەمئىيىتى ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق ۋە ئىتتىپاق بولغان ئاساسىي قىممەت قارىشىنى تەكىتلەپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىرقچىلىققا، كەمسىتىشكە ۋە مىللىي بىرتەرەپلىمە خاھىشقا قارشى تۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتكە شەك – شۈبھىسىز يۈزلىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ياۋروپا ئالىي مەكتەپلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رولف تاراسا مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپلەر ئىنسانلارنىڭ بىلىم ئالىدىغان ئوچىقى، بىلىم تارقاتقۇچى ۋە بايلىق ئامبىرى، بۇ يەردە چەتكە قېقىش ۋە ئۆچمەنلىك كۆرۈلمەسلىكى كېرەك.

  (‹‹مائارىپ گېزىتى››دىن)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر