باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى

2015.12.29 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 28-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئاددەم سانىنى ئېلان قىلدى، دەسلەپكى سىستاتىكىغا قارىغاندا، 24مىڭ 856ئادەم 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان بۇلۇپ، بۇ 2015-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا ئەمەلىي قاتناشقان ئادەم سانىدىن 996ئادەم ئاز ئىكەن.

  بۇ يىل باشقا جايدىكىلەرنىڭ شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى رۇخسەت قىلىنغان ئۈچىنچى يىلى، تەكشۈرۈلىدىغان باشقا جايدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سانى جەمئىي 933ئادەم بۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان 2141ئادەمدىن 1006ئادەم ئازىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن نوپۇس يۆتكىگۈچىلەرنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇيىل ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئاساسلىقى باشقا جايدىن كىلىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتلىرىنى تەكشۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، باشقا جايدىكىلەرنىڭ شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش شەرتى مۇنداق بولىدۇ : غەيرىي شىنجاڭ نوپۇسىدىكى شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ يەردە باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 12يىللىق مۇكەممەل ئوقۇش تەۋەلىكى بولسا، ئاتا - ئانىسىنىڭ قانۇنلۇق، مۇقىم خىزمىتى ۋە تۇرۇش كىنىشكىسى ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش خاتىرىسى ياكى باج تاپشۇرۇش ئىسپاتى بولسا پەرزەنتلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ. ياكى شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كەلگەنلەرنىڭ ۋە بىللە ئېلىپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئېككى يىلدىن ئارتۇق دائىملىق نوپۇسى ۋە ئۇدا ئۈچ يىل مۇكەممەل ئوقۇش تەۋەلىكى بولسا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر