- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
2016.01.04 15:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆتكەن بىر يىلدا «ئالىي مەكتەپتىكى چىرىكلىك» كۆپلەپ ئاشكارىلاندى، مۇخبىرنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكى تورىنىڭ 2015-يىلى ئېلان قىلغان ئالىي مەكتەپلەردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى رەتلىگەندە بايقىشىچە، 2015-يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە بىر نەپەردىن ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان، بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان رەھبەرلەرنىڭ نىسبىتى چوڭراق، بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلار سانى ھەممىدىن كۆپ.
تەكشۈرۈش كومىتېتى-مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكى تورىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 2015-يىلدىن بۇيان جەمئىي 34ئالىي مەكتەپنىڭ 53نەپەر رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن جەمئىي 33نەپەر كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ %62نى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپتىكى چىرىكلىشىش ئېغىر رايون بولۇپ قالغان. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 11كىشى پارتىيەدىن قوغلانغان ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلگەن، 6كىشىگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن، يەنە 8كىشىگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن، 16كىشى تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلماقتا ئىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر