باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

ئەڭ چوڭ دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف ئالدامچىلىق شايكىسىدىكى 470 كىشى تۇتۇلدى

2016.01.11 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-يانۋار سائەت 15 ئەتراپىدا يۈننەن شىشۇاڭبەننادىن ئۇچقان تۆت ئايروپىلان فۇجيەن چۈەنجوۋ ئايرودرومىغا قوندى، لائوستا تۇتۇلغان 300 نەپەر ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارلىرى جۇڭگو - لائوس چېگراسىدىن فۇجيەنگە يالاپ ئېلىپ كېلىندى. مەملىكەتلىك تېلېگراف تور يېڭى تىپتىكى ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش - تۈزەش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى ئىشخانىسىنىڭ باشقارما مۇدىرى گاۋ فېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ دېلودىكى زور كۆپ ساندىكى زىيانلانغۇچىلار فۇجيەن ئۆلكىسىدە بولغاچقا، ج خ مىنىستىرلىكى بۇ دېلونى فۇجيەن ئۆلكىلىك ج خ تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە قىلىشنى بېكىتتى.

  ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو ۋە لائوس ساقچى تەرەپنىڭ بىرلىكتە زەربە بېرىشى بىلەن، «22-دېكابىر» ئالاھىدە زور دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىق دېلوسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىندى. بۇ دېلو يېقىنقى يىللاردىن بېرى ج خ مىنىستىرلىكى تەشكىللەپ پاش قىلغان ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىق دېلوسى بولۇپ، 470 نەپەر جىنايەت گۇماندارى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سانى ئەڭ كۆپ، شايكا كۆلىمى ئەڭ چوڭ دېلو بولۇپ قالدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر