خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم مەمەت):2016-يىلى 8-يانۋار، لياۋنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا « جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەجمۇئەسى » نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات ، رادىئو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت نەشىر قىلىش فوندىنى باشقۇرۇش كومىتېتى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئاخبارات-نەشرىيات، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، لياۋنىڭ نەشىرىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس ئالىملار، «مەجمۇئە»نىڭ يازغۇچىلار ۋەكىللىرى نەشرىيات رەھبەرلىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
« جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەجمۇئەسى »نى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىيەت – تەشۋىقات مەھكىمىسى ۋە لياۋنىڭ نەشىرىيات گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ پىلانلىغان، لياۋنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئوقۇرمەنلەرگە يۈزلەنگەن مىللىي بىلىملەرنى تەشۋىق قىلغان بىر يۈرۈش چوڭ تىپتىكى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى. نەشر قىلغان ئاساسىي مەقسىتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەشۋىق قىلىپ، ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ھەرقايسى نۇقتىدىن نامايان قىلىپ، ئەڭ بىۋاستە شەكىل ئارقىلىق پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى نامايەن قىلىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا مۇھىم رول ئويناشنى مەقسەت قىلغان.
2010-يىلى 6-ئايدىن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، « جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەجمۇئەسى » (55 كىتاب) ھەممىسى نەشىر قىلىنغان. بۇ مەجمۇئە سۈرەت بىلەن سۆز بىرلەشكەن شەكىلدە ئېلىمىزدىكى 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تارىخىي، مەدەنىيەتى، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سېستىمىلىق، جانلىق تونۇشتۇرغان تۇنجى نوپۇزلۇق،نادىر نەشىر بۇيىمىدۇر. « جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەجمۇئەسى » ئىلگىرىكى ئوخشاش تۈردىكى كىتابلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا مىللىي سالاپەتنى تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ تەپسىلىي نامايان قىلىپ، مىللىي ھېسسىيات چوڭقۇر سىڭدۈرۈۈلگەن. شۇ مىللەتنىڭ ئاپتورى ئۆز مىللىتىنىڭ ئەسەرنى يازغان كىتابلار مەجمۇئە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ % 85 نى ئىگىلىگەن. مەجمۇئەگە نۇرغۇن نەپىس سۈرەت ئىشلىتىلىپ جەلپ قىلىش كۈچى ئاشقان. مەجمۇئە ئىناق جۇڭگو بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان.
«مەجمۇئە» 2014 - يىللىق لياۋنىڭ نادىر سەنئەت ئىجادىيىتىنى مەخسۇس خىراجەت بىلەن يۆلەش تۈرىگە ئېرىشكەن. كىتاب 2015 - يىللىق « دۆلەتنىڭ نەشىرىيات فوندى تۈرى» مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات، رادىئو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان 2015 - يىلى « « 3 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100 مۇنەۋۋەر كىتابنى مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىش»پائالىيىتىگە تاللانغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى