باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بىر ئەر سىندا ئىجتىمائىي زىددىيەتكە قۇتراتقۇلۇق قىلدى

«سېسىش شەكلىدىكى نام چىقىرىش»تىن ھوشيار بولۇش كېرەك

2016.01.13 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بېيجىڭلىق ئەر مېترودا باشقىلار بىلەن تىللاشتى» ناملىق سىن توردا كەڭ تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نۇرغۇن تاراتقۇلار 11-يانۋار زىيارەت ئارقىلىق، بۇ سىننىڭ پىلانلاش ئارقىلىق «رول ئېلىپ» تارتىلغان ھەمدە تورغا چىقىرىلغان سىن ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. جامائەت، بۇخىل يامان نىيەتتە كۆپتۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ قارشىلىشىش كەيپىياتىنى قۇترىتىش قىلمىشى ئىنتايىن نومۇسسىزلىق، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا ئائىت مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالاپ، تور بوشلۇقىنى تازىلاش كېرەك، دەپ قارىدى.

  1-ئاينىڭ 9-كۈنى «بېيجىڭلىق ئەر مېترودا باشقىلار بىلەن تىللاشتى» ناملىق سىن توردا كەڭ تارقالدى، بىر مىنۇتتىن كۆپرەك سىندا ئىككى ئەر يولۇچىلار بىلەن تولغان مېترودا ئۆز ئارا تىللىشىپ، سەت گەپلەرنى قىلدى ھەمدە ئىتتىرىشتى. «ناشتىلىق ساتىدىغان ئوخشىمامسەن؟ نوچى بولساڭ بېيجىڭغا كەلمە!» دېگەندەك بىر مۇنچە رايون كەمسىتىدىغان سۆزلەر قىلىندى.

  بۇ سىن سوخۇ، لې تىۋى، ئەيچىيى، كۇ ئالتە، يوۋكۇ قاتارلىق سىن تورلىرىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، كۆپلەپ تارقىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە يالغۇز «ئاشكارىلاش شاھى» ناملىق مىكرو بىلوگتىكى تارقىتىلىش سانى 2400قېتىمدىن، باھا 3700دىن ئاشتى. بەيدۇدا «بېيجىڭ مېتروسىدا تىللىشىش» دەپ ئىزدىگەندە 15مىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇر تېپىلدى.

  ئارقىدىن نۇرغۇن تاراتقۇلار بۇ سىننىڭ ھەقىقىي تىللىشىش ئەمەس بەلكى «ئورۇنلاشتۇرۇپ تارتىش» ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەر ئىلگىرى كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىگە قاتناشقان ئاممىۋىي ئارتېس بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بۇ ئىشنىڭ كۆپتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى. «بېيجىڭ شەھەر گېزىتى» ئوبزورچىسى ۋاڭ چاڭليەن، بۇ سىننىڭ يالغانچىلىق ئۇسۇلى بىلەن ئىجتىمائىي زىددىيەتكە كۈشكۈرتىشى بىر خىل يامان نىيەتلىك كۆپتۈرۈش قىلمىشىدۇر، بۇ قىلمىش ئاممىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تونۇش تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاممىنى ئالدىدى ھەم پايتەختنىڭ مەدەنىي ئوبرازىغا زىيان سالدى، دەپ قارىدى. تورداشلار بۇنداق تېمىدىكى سىننى ئىشلەش كىشىلەرنى ئىنتايىن سەسكەندۈرىدىغان ئىش بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك، دەپ قارىدى.

  جامائەت «سېسىش شەكلىدىكى داڭلىق بولۇش»تىن ھوشيار بولۇش كېرەك، دەپ قارىدى. بېيجىڭ مېتروسىدىكى تىللىشىشتىن بۇرۇن، شاڭخەيدە «توخۇ پۇتى خانىم» ۋەقەسى پەيدا بولغان بولۇپ، توخۇ سۆڭەكلىرىنى قالايمىقان تۈكۈرۈپ سەت گەپلەرنى قىلغان ئايال توردا «داڭق چىقارغان»دىن كېيىن، مەلۇم شىركەتنىڭ يىللىق پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. بۇ بىر قىسىم نومۇسسىىز، ئۆز - ئۆزىنىڭ كۆپتۈرۈشنىڭ تورداشلارنى ئالدىيالايدىغانلىقىنى، بىر قىسىم ئىجتىمائىي ناچار ئىستىلغا ماسلاشقانلىقىنى چۈشەندۈردى. بۇ خىل «سېسىش شەكلىدىكى نام چىقىرىش»نىڭ يامرىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشىنىڭ ئەكسىچە بولغان بۇ خىل قىلمىش قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ قوش جازاسىغا ئۇچرىشى كېرەك.

  جۇڭگو سىياسىي - قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسى خوڭ داۋدې قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىل جەمئىيەتنىڭ سەتلەشتۈرىدىغان سىن توردا تارقالغاندا، راست- يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن تەس، بىراق ئىنتايىن تېز تارقىلىدۇ. بۇ خىلدىكى كۆپتۈرۈش قىلمىشىغا قارىتا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر توغرا - خاتانى ئايرىپ، ئەيىپلىيەلەيدۇ، بىراق كىشىلەر قەلبىدە «جەمئىيەت ئىستىلى ياخشى ئەمەس» دېگەن تەسىرنى قالدۇرۇپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر، ئاممىۋىي سورۇندا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قارشىلىشى كەيپىياتىنى قۇترىتىش ھەمدە سىنغا ئېلىپ مەقسەتلىك ھالدا تورغا يوللاپ تارقىتىش ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىغان قىلغانلىقتىن، مەلۇم ئىجتىمائىي زىيىنى بار، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قىلمىش زادى ئامانلىق باشقۇرۇش جازالاش نىزامىغا خىلاپمۇ يوق؟ ئويلىنىپ بېقىش ۋە باشقۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر