خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: كورلا شەھەر توبرىچى يېزا مەركىزى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئايگۈل بەكرى يېقىندا، ئۆز يېنىدىن 1500 يۈەن چىقىرىپ، توبرىچى يېزا ئەللىك كەتمەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 10 نەپەر ئائىلىسدە قىيىنچىلىقى بار دېھقاننىڭ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەپ بېرىپ، يېزا، كەنت مەسئۇللىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.سۈرەتتە: ئايگۈل مۇئەللىم ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار دېھقان ئائىلىلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا تاپشۇرىدىغان پۇلىنى قولىغا بەرمەكتە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى