باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى

2015.12.31 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مائارىپ مىنىستىرلىقى 30-دېكابر 2016 - يىللىق يېڭى يىل، چاغان، قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قىشلىق تەتىلدە چاغان ۋە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشنىڭ ئالدى-كەينى قاتارلىق مۇھىم ۋاقىتلارغا قارىتا، جايلار مائارىپتا پاك بولۇش تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار سوۋغا قىلغان سوۋغات پۇلنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق چەكلەيدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر« جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - ئىنتىزامچان بولۇش مىزانى»ۋە « جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە « تۆت خاھىش »قا قارشى تۇرۇش تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

  ئەمەلىي تېجەشلىك بولۇپ پارتىيە، تۇەن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتىنى نورمال، ياخشى تەشكىللەپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بەلگىلىمە بويىچە نورمال پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپ مالىيە – ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، يىل ئاخىرىدا پۇل خەجلەش، قالايمىقان ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى، مۇكاپات پۇلى ۋە ماددىي بۇيۇملارنى تارقىتىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ئەمەلىي تېجەشلىك بىلەن بايرام ئۆتكۈزۈش مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە خىزمەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەقلىق دەرس تولۇقلىشىنى چەكلەش كېرەك.

  پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىپ، ساياھەت قىلىپ ۋە يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا -سالام، پوجاڭزا قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلنى شەخسي ئىشىغا ئىشلىتىش ياكى شەخسىي ئاپتوموبىلنى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن بېقىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ شەخسىي ئارامگاھغا بېرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، « بايرام چىرىكلىك»نى قەتئىي رەت قىلىش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر