باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى

2016.01.07 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6- يانۋار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى رەسمىي تۈردە بېكىتىلگەن بۇلۇپ، بۇ يىل شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى تۆۋەندىكىدەك بولغان. تولۇق كۇرس لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى: ئومۇمىي نەتىجىسى 180نومۇرغا يەتكەن بولۇشى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى پەننىڭ ھەر قايسىسى 60نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى؛ ئالىي تېخنىكوم ( مەخسۇس كۇرس ) لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى : ئومۇمىي نەتىجە 150نومۇرغا يەتكەن بولۇشى لازىم.

  بۇ يىل - سەنئەت كەسپىنى بىر تۇتاش ئىمتىھان ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچ ئىمتىھان نۇقتىسى ( ئۈرۈمچى شەھىرى، كۇيتۇن شەھىرى، قەشقەر شەھىرى ) تەسسىس قىلىنغان بۇلۇپ، ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار جەمئىي4315ئادەم، بۇلتۇرقىدىن مىڭ 360ئادەم كۆپەيگەن. بىر تۇتاش ئىمتىھان مەزگىلىدە، ھەرقايسى ئىمتىھان گۇرۇپپىسى ئىمتىھاننى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بارغان، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن 10ئادەمنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 8- يانۋار بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11دىن باشلاپ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(http://www.xjzk.gov.cn)دىن ئۆزىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپى ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپىي بىرتۇتاش ئىمتىھان لاياقەتنامىسى پات ئارىدا پوچتا ئارقىلىق ھەر قايسى ۋىلايەت ( ئوبلاست ، شەھەر ) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى سەنئەت تۈرىدىن ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئومۇمەن ئالاقىدار سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ ئالىدىغان ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئەگەر مەكتەپلەر توردا تىزىملاتقاندا ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنسا، بىۋاسىتە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش تەرتىپ نومۇرى + 000ئۇسۇلى بويىچە تولدۇرسا بولىدۇ. ئەگەر گۇمانلىق نۇقتىلار بولسا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتىدىن مەسلىھەت سورىسا ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مەخسۇس تېلېفونى ((0991-8750000 ) غا تېلفۇن ئۇرۇپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر