باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئېلىمىز يېشىل ئاشلىق كەسپىنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرىدۇ

2016.01.11 09:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-يانۋار ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئاشلىق ئوبوروت خىزمىتى يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل ئېلىمىز يېشىل ئاشلىق كەسپىنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىچە كەسىپ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش نۇقتىلىرىنى پائال يېتىشتۈرىدىكەن. دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رېن جېڭشياۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاشلىق زاپىسىدىكى زىددىيەت مىسلىسىز بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، ئامبار سېلىش، ئامبار رېمونت قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئاشلىقنى سېتىپ ئامبار بىكارلاشنى كۈچەيتىپ، نامۇۋاپىق ئاشلىق زاپىسىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن تۈگىتىپ، جەمئىيەتتىكى ئامبارلارنىڭ سىغىمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاشلىق يىغىش، ساقلاش ئىقتىدارىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. بۇ يىل ئاشلىق ئامبارلىرىدا ساقلاش ۋە زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. سەككىز چوڭ ئاشلىق ئوبوروت يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئۆتەڭ ئامبىرى، ئىچكى دەريا پىرىستانى، دېڭىز بويى چوڭقۇر سۇ پورتى، تۆمۈريولدا تاپشۇرۇۋېلىش، تارقىتىش ئەسلىھەسى، توپ سېتىش بازىرى ۋە ئوبوروت باغچىسىنى نۇقتىلىق قۇرۇپ چىقىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر