باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توك پار بىلەن ئىسسىتىش شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى

2016.01.08 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، راھىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ) پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنىدا يېشىل تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، «يېڭىلىق يارىتىش، بوشاشماسلىق، يېشىل، ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدىلىنىش» تەرەققىيات ئۇقۇمىغا ۋارىسلىق قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئالاقىدار سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنىپ، توكنى ئېنېرگىيە قىلىپ ئىسسىتىدىغان مەھسۇلاتقا تەرەققىيات بوشلۇقى ھازىرلىدى.

  مۇخبىرلارنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، بۇ ساياھەتچىلارنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى پۈتكەندىن كېيىن، توك پار بىلەن ئىسسىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان، توك پار بىلەن ئىسسىتىش كۆمۈر بىلەن ئىسسىتىشقا سېلىشتۇرغاندا بىر تەرەپتىن، مۇھىت ئاسراپ ئېنېرگىيەنى تېجىسە، يەنە بىر تەرەپتىن تەننەرخنى تېجەپ قالىدىكەن.

  ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سەپلىمىسى كېڭەيتىلىشتىن بۇرۇن، ھەر يىلى قىش پەسلىدە، كىشىلەر ئادەتتە كۆمۈر، ياغاچ قاتارلىق يېقىلغۇلار بىلەن ئىسسىناتتى، بۇنداق بولغاندا كۆپ مىقداردا ئىس تۈتەك قويۇپ بېرىلىپ مۇھىت بۇلغىنىشىنى پەيدا قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىنى زور قولايسىزلىق ئېلىپ كېلەتتى. تۆمۈر چوققا چوڭ جىلغىسى دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ سىناق توك پار بىلەن ئىسسىنىش ئەندىزىسىنى سىناق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى مەخسۇس لىنىيە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، توك بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسىنىڭ ئەسلىدىكى 35 كىلوۋات تىرانسفورماتور پونكىتىنى 110 كىلوۋات تىرانسفورماتور پونكىتىغا كۆتۈردى، توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

  تۆمۈر چوققا چوڭ جىلغىسىنىڭ دىرېكتور تەن ياڭپىڭ مۇنداق دېدى:«چوڭ جىلغىنىڭ يەر يۈزى كۆلىمى 6000 كىۋادرات مېتىر، ئەن-ئەنئەنىۋىي پاردا ئىسسىنغاندا 150 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كۆمۈر كېتىدۇ ھەمدە بۇلغىنىشمۇ ئېغىر، تەننەرخى يۇقىرى بولىدۇ. ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان توك پارنىڭ تەننەرخى تۆۋەن مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، تەننەرخى 100 مىڭ كىلوۋات ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلغانمىغان، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.»

  كۆمۈر ۋە يېقىلغۇ گاز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قايتا ھاسىل بولمايدىغان ئېنېرگىيە. لېكىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بولۇپ، شامال، يادرو، سۇ بىلەن توك چىقارغىلى بولىدۇ، شۇڭا، ئېنېرگىيە قۇرۇلما جەھەتتىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش شەھەر- بازارلاشتۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئىنتايىن پايدىلىق.

  ئېلېكتىر شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاۋ ئېرئەن مۇنداق دېدى:«ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىدە توك بىلەن ئىسسىنىش ئۇسسۇلى قوللىنىلىۋاتىدۇ، بۇ چوڭ جىلغا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش. ئەگەر ئەنئەنىۋىي ئۇسسۇلدا ئىسسىتقاندا، ياتاقنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش ئىسسىتىدۇ، توك پار بىلەن ئىسسىتقاندا ھەر بىر ياتاقنىڭ ئېھىتىياجىغا ئاساسەن تېمپېراتۇرانى كونترول قىلغىلى ھەمدە زور مىقداردىكى مەبلەغنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر