باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭشيادىكى ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇش دېلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشتى

قازا قىلغانلار سانى 17 كىشىگە يەتتى

2016.01.06 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، نىڭشيا يىنچۈەن شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «5-يانۋار» ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 17 كىشىگە يەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى، ۋەقەنى ج خ ئورگانلىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە جىنايى ئىشلار دىلوسى دەپ بېكىتكەنلىكىنى، جىنايەت گۇماندارىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرى ئىشلەنمەكتە.

  يىنچۈەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ماكەينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەنىمۇ ئېنىقلاش ئارقىلىق، يىنچۈەندىكى «بەشىنچى يانۋار» ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئەسلىدە ئېلان قىلغان 14 كىشىدىن 17 كىشىگە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ما كەي مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ نەقمەيداننى بىر تەرەپ قىلغاندا يەنە ئۈچ نەپەر قازا قىلغۇچىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى. 17 نەپەر قازا قىلغۇچىنىڭ ئىچىدە سەككىز نەپەر ئەر كىشى، 9 نەپەر ئايال بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 16 ئەر، 16 ئايال، جەمئىي 32 كىشى يارىلانغان، يارىلانغانلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى 65 ياش، ئەڭ كىچىكى 20 ياش ئىكەن. نەق مەيداننى دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، يارىدارلار نىڭشيا تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى باش دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلدى.

  يىنچۈەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى يۆۋېن، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج خ تارماقلىرىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىن لايىھەسىنى تېزدىن قوزغىتىپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش ۋە ئەھۋال ئىگىلەش نەتىجىسىگە ئاساسەن، يىنچۈەن 301-يول ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ بىر قېتىملىق جىنايى ئىشلار دىلوسى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 16-دىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، ساقچى تەرەپ بىلەن ئىككى سائەتتىن كۆپرەك تىركەشكەندىن كېيىن، ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇش دېلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى ما يوڭپىڭ خېلەن ناھىيەسىدە قولغا چۈشكەن.

  ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سائەت 14 ئەتراپىدا جىنايەت گۇماندارى ما يوڭپىڭ خېلەن ناھىيەسىدىكى بىر پۈتمىگەن بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋېلىپ ساقچى تەرەپ بىلەن تىركىشىپ تۇرغان. مۇخبىرنىڭ نەقمەيداندا كۆرۈشىچە، ما يوڭپىڭنىڭ پۇتى كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، ئوشۇقى ئوچۇق پېتى ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر