باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپاننىڭ ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىك قەدىمى تېزلىتىلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى

2016.01.08 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ) ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بويان «ساياھەت ئارقىلىق ناھىيەنى گۈللەندۈرۈش» ئىسىتىراتىگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە ساياھىتىگە بولغان سېلىنمىنى زورايتىپ، ناھىيە ئېكولوگىيەسىنى ئىزچىل ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە باغچىسى، ئېكولوگىيە دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى، ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

  بۇ ناھىيە ساياھەتچىلىك تەشۋىقات سالمىغىنى زورايتىپ، «ئۇچتۇرپان ساياھەت قىزىق لىنىيەسى» تور بېكىتى قۇرۇپ، ساياھەتچىلىككە ئائىت ئۇچۇرلارنى كەڭ تارقاتتى. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ساياھەت سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن بىرلىكتە «ئۇچتۇرپانغا نەزەر» مەخسۇس تېمىلىق ساياھەت پىروگراممىسى ئىشلەپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۇچتۇرپاننى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت كەسپى يوق بولۇش ھالىتىگە خاتىمە بەردى. ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئېكولوگىيە ساياھىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى سىياسەت ۋە ماددىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلدى. مۆلچەر تاغ مەنزىرە رايونى ۋە جىغانلىق مەنزىرە رايونىنى 4 ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. تيەنيىجۇاڭ ئېكولوگىيەلىك دەريا ۋادىسى ئارامگاھى ئاپتونوم رايوننىڭ تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار شادلىغى ئارامگاھى تەستىقىغا ئېرىشتى. ئىككى نۆۋەت «ئۇچتۇرپان باھارى-بۇلاق شەھىرى ئۆرۈك چېچىكى» فوتو سۈرەت بايرىمى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ئۇچتۇرپان مېھمانخانىسى، مۆلجەرتاغ مېھمانسارىيى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ، خەلق مەيدانى يېمەكلىك كوچىسى ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك كوچا، جىن شەن ئېكولوگىيە باغچىسى قاتارلىق توققۇز رېستوران ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك رېستوران قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر