باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران سۆزلىشىش سېگنالى تارقاتتى؟

رايون مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.01.08 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد زەلىف 6-يانۋار ئىراننىڭ رايون مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، «قوشنىلىرى» بىلەن سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  زەلىف ئىران پايتەختى تېھراندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئىراق دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئىبراھىم جافارى يىغىنغا قاتناشتى.

  زەلىف سۆزىدە، ئىران تۇرۇۋاتقان رايوندىكى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى كېرەك، بولۇپمۇ تېررورېزىمنىڭ تەھدىتىگە زەربە بېرىشتە. ئىران بۇ خىل دېپلوماتىيە تىرىشچانلىقىنى قانات يايدۇرىۋاتىدۇ، بىراق سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىدى، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان، سەئۇدىي ئەرەبىستان ئىزچىل ئىران دېپلوماتىيەسىنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ... سەئۇدىي ئەرەبىستان تىرىشچانلىقىمىزنى چەكلەۋاتىدۇ. يامان بولغىنى، ئۇلار (ئىران تۈزگەن) يادرو كېلىشىمىگە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ.»

  «جىددىي مۇناسىۋەت پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلار توختىتىلىشى كېرەك، بىز ئىتتىپاقلىققا موھتاج، ئاشۇ ئىناقسىزلىق قىلغۇچىلارنى توسۇش كېرەك»، دېدى، زەلىف.

  ئۇ تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا: «ئىران مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان، ھەمتۈرتكىلىك ۋى سۆزلىشىش سىياسىتىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ»، دېدى. ئۇ يېقىندا يۈز بەرگەن ئىراندىكى سەئۇدىي ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىق ۋەقەسىگە قارىتا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىراننىڭ خەلقئارا شەرتنامىلەرگە ئەمەل قىلىپ، جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «بارلىق ئىران ئەمەلدارلىرى بۇ ۋەقەنى ئەيىپلەيدۇ».

  ئىراق دېپلوماتىيە مىنىستىرى جافارى، ئىراقنىڭ ئىران بىلەن سەئۇدىي ئوتتۇرىسىدىكى ماجرانى كېلىشتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى، سەئۇدىينىڭ رايون مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئىراننىڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  «بىې قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىلەن سۆزلەشتىم، دۈشمەنلەرنىڭ پۈتۈن رايوننى بىر مەيدان يەڭگۈچى بولمايدىغان ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋەقەنىڭ (سەلبىي) تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك،» دېدى جافارى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر