باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېنگال ئالى سوت مەھكىمىسى ئىسلام پارتىيەسىنىڭ رەھبىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى

2016.01.08 09:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېنگال ئالى سوت مەھكىمىسى 6-يانۋار، بېنگالدىكى ئىسلام قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مودى راخمان نىزامىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى ، بۇ پارتىيە ئارقىدىن 7-يانۋار مەملىكەت بويىچە چوڭ ئىش تاشلىدى.

  بېنگال قانۇنىغا ئاساسەن، نىزامىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلار ئۆمىكى يەنە 15 كۈن ئىچىدە ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئەرزى سۇنسا بولىدۇ. 2012- يىلى، نىزامى 1971- يىلدىكى بېنگالنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئولتۇرۇش، ئۆت قويۇش، باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن دەپ ئەيىبلەنگەن. 2014- يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، بېنگال خەلقئارا ئۇرۇش جىنايىتى سوتى نىزامىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.

  ھازىرقى زۇڭلى ھاشىنا 2009- يىلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كىيىن، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ مەخسۇس ئىككى ئۇرۇش سوتىنى قۇرۇپ، ئەينى يىللاردا دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئاتالمىش ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاشقا مەسئۇل قىلغان. ئىسلام قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى ئەيىبلەنگەندىن سىرت، يەنە ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان مىللەت پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىمۇ ئەيىبلىنىپ، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۆلۈمگە ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ھۆكۈم قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر