باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئاكتىپ تۈجۈپىلەش

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

جاڭ چۈنشيەن مۇھىم سۆز قىلىپ، 2016 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.01.08 16:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 6 - يانۋاردىن 7 - يانۋارغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، 2015 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، ھازىرقى ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، 2016 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى نورمال ھالەتكە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 13 - بەش يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ياخشى باشلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزى قىلىپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2016 - يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى ئورۇنداش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن باشلاپ، بىز مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئالدىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي مۇقامىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلىشىپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا تاقابىل تۇردۇق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇقىم، ياخشى ھالەت ساقلاندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىر يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلىسەك، ئاساسلىقى مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچى، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى چۆرىدىلىپ، ئىقتىساد خىزمىتى قىلچىمۇ بوشاشتۇرۇلماي ياخشى تۇتۇلدى؛ ئىككىنچى، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، ئىقتىساد خىزمىتىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى چىڭ تۇتۇلدى؛ ئۈچىنچى، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى كۈچەپ ئاشۇرۇلدى؛ تۆتىنچى، ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىنىپ، ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچ سىجىل قوزغىتىلدى؛ بەشىنچى، تۈر ۋە مەبلەغ سېلىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئېشىش ئىلگىرى سۈرۈلدى، بەرداشلىق بېرىش كۈچى كۈچەيتىلدى؛ بىر يىلدىن بۇيانقى ئىقتىساد خىزمىتىدە، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلاندى، «12 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىندى، «13 - بەش يىل»دىكى تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى باشلىنىدىغان، شۇنداقلا تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل، شۇڭا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يىلقى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش − يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي مۇقامىدا، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىدە ۋە ئىدىيە يېتەكچىلىكى، مەسىلە يېتەكچىلىكى، ئەمەلىيەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەيتىشنى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىسلاھاتنى تۇتۇشنى كۈچەپ ھەل قىلىدىغان مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتا قىلىپ تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشنى گەۋدىلىك ۋەزىپە قىلىپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى، سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «13 - بەش يىل»دىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ياخشى باشلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  بۇ يىلقى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ باش پىرىنسىپى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئاكتىپ تۈجۈپىلەش. بۇ يىلقى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى: بىرىنچى، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشتە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىككىنچى، ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىشتە سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۈچىنچى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىخ ھالىتىدىكى، مايىللىق خاراكتېرىگە ئىگە مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۆتىنچى، ئىسلاھاتنى تۇتۇشتا تۈجۈپىلەش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشتە كارخانا ئاساسىي گەۋدە بولۇش، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، بازار يېتەكلەش، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار مېخانىزمى، ئىقتىسادىي ۋاسىتە، قانۇن ئىدارە قىلىش چارىسىدىن پايدىلىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىپ، «مۇردا كارخانىلار»نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش؛ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» يولغا قويۇش لايىھەسىنى پائال تەتقىق قىلىپ، رايون ئىچىدىكى ئېلېكتىر سەرپىياتى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ ئۆي - زېمىن كەسپىدە سېتىلمىغان تۇرالغۇ زاپىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، نوپۇسنى شەھەر - بازارلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تۇرالغۇ ئۆيگە بولغان ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى، باج سېلىقى، مالىيە تەننەرخى، توك باھاسى، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سالمىقى زور سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەنىمۇ ھەل قىلىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كەسىپ رىقابىتىدە شىنجاڭنى يېڭى ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىپ، كەسىپ قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1 - ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشى ۋە مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇش كېرەك.

  ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىشتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يۆلەش - ئېچىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش؛ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېكولوگىيە جەھەتتىكى ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، «13 - بەش يىل»دىكى بىر تۈركۈم زور تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە تۈجۈپىلىكلىكىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، زور ئېكولوگىيەلىك تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، PPP ئەندىزىسىنى ئۈنۈملۈك مەبلەغنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىش؛ خەلق تۇرمۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەتتىنچى «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى»نى يولغا قويۇپ، ئادەمگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش؛ يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەتنى يېتىشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئالتە چوڭ ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ساھەسى ۋە يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىق قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «مەدەنىيەت+» ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈش، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر توغرىسىدا كۆڭۈلدە سان بولۇش؛ تۈرلەرگە ئايرىپ، خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈش؛ پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلىنىپ، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىستېما خاراكتېرلىك ۋە رايون خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەرنىڭ يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇشتا ساقلاپ تۇرمايدىغان، كەينىگە سۈرمەيدىغان، ئاستىلاتمايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىسلاھات سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى 1 - ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ مەمۇرىي تەستىق، دۆلەت كارخانىسى، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، يېزا، كەنت، ئىجتىمائىي كاپالەت، باھا قاتارلىق تەرەپلەردىكى سىياسەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىپ، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش؛ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بوشلۇقىنى كېڭەيتىش؛ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىدا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتىلدۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇھىم ئىستراتېگىيە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى كېڭەيتىش، مائارىپنى چىڭ تۇتۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا يۈزلىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بىڭتۈەن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى. مۇقىملاشتۇرغۇچىلىق، پېچلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى نورمال ھالەتكە پائال ماسلىشىپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار مەركەزنىڭ شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك رايون ھەم كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلەشكەن جاي. شەھەر تەرەققىياتىغا زامانىۋى ئامىللارنى كىرگۈزۈش ھەم تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، بولۇپمۇ يەرلىك ئالاھىدىلىك، مىللىي خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ شەھەر روھىنى يېتىلدۈرۈپ، سىرتقا نىسبەتەن ئوبراز تىكلەپ، ئىچكى قىسىمدا قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ياخشى تەتبىقلاپ، رەھبەرلەرنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىدىكى كەسپىي سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرۈش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ھەقىقىي ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر قايسى بۆلۈم، كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەر، خەلق كوللېكتىپلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ يېتەكچى مەسئۇللىرى؛ بىڭتۈەننىڭ ھەر قايسى شى ۋە بىڭتۈەن ئورگانلىرىدىكى تارماقلار، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر