باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى دېھقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

2016.01.08 16:56   مەنبە: خەلق تورى

خىزمەت گۇرۇپپىسى دېھقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن، ئابدۇجېلىل روزىھېيت خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن 2-تۈركۈمدە سايباغ يېزىسىنىڭ قىشلاق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدە دېھقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ،دېھقانلارنىڭ يېڭى يىلدىكى تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر 51 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 40 توننا يىرىك كۆمۈر،360 خالتا گۈرۈچ،360 باك سۇ مېيى تەييارلاپ،كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىيىنچىلىقى بار 200 ئائىلىگە،گۈرۈچ ھەم سۇ مېيىنى كەنتىدىكى 360 ئائىلىگە تەقسىملەپ بېرىپ دېھقانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزا قىشلاق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەتتۇرسۇن ئەخمەتتوختى مۇنداق دېدى:« ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھەقىقەتەن خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ،سۈيىدە ئاقتى،دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش،تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قان-تەر سىڭدۈردى.بۈگۈنمۇ دېھقانلارغا كەڭ-كۆلەمدە ئىللىقلىق يەتكۈزدى،مەن كەنتىمىزدىكى بارلىق خەلق ئاممىسىغا ۋاكالىتەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارغا رەھمەت ئېيتىمەن!»

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن 2-تۈركۈمدە سايباغ يېزىسىنىڭ قىشلاق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇنجان خالىق مۇنداق دېدى:« بىر يىلدىن بۇيان دېھقانلار بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك بولۇپ كەتتۇق،بىزمۇ خەلققە ياردەم بەردۇق،دېھقانلارمۇ بىزنى قوللىدى،پات ئارىدا بۇ كەنتىدىن ئايرىلىمىز،شۇڭا بىز بۈگۈن تۇرمۇش خىراجىتىمىزدىن غەملىگەن پۇلنى ئىشلىتىپ،دېھقانلارغا يەنە بىر قېتىم ئىللىقلىق يەتكۈزدۇق،كۆمۈرنى ئالايىتەن ئۈرۈمچىدىن ئېلىپ كەلدۇق،دېھقانلارنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈپ قىلغان ئىشىمىزدىن مەمنۇن بولدۇق،بىز قايتقاندىن كېيىنمۇ بۇ كەنتىگە پات-پات كېلىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ياردەم بىرىمىز،ئارىمىزدىكى دوستلۇقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇمىز»سۈرەتتە: خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار دېھقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزمەكتە.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى