خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئالىمجان موللىروزى، سېتىۋالدى قاسىم خەۋىرى) 2016-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ،قاراشەھەر ناھىيە سورتلۇق ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 3-گۇرۇپپىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى قىشلىق بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، گىلەم توقۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىغا ماڭماقتا.
سورتلۇق ئۇرۇقچىلىق مەيدان 3-گۇرۇپپىدىكى باھارگۈل سامساق مۇنداق دېدى :ئادەتتىكى ئارىسال ۋاقىتلاردا، ،قوشنام بىلەن قولدا كەشتە تىكىپ ۋاقىت ئۆتكۈزەتتۇق.گىلەم توقۇپ پۇل تېپىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .ھازىر سىرتتا ئىشلىمەيمۇ گىلەم توقۇپ تۇرمۇشىمىزنى قامداۋاتىمىز،مېنىڭ ھازىر ئايلىق كىرىمىم 3000يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ .
قاراشەھەر سورتلۇق ئۇرۇقچىلىق مەيدانى ئاياللارنى يېتەكلەش ئۈچۈن ، مەيدان پارتكومى 4-گۇرۇپپا مەدەنىيەت ھويلىسىدا قول -ھۈنەرۋەنچىلىك ئۆيى تەسىس قىلىپ ،شۇ جايدىكى ئاياللارنى ئۆي بىلەن تەمىنلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ،بېيىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى .
سۈرەتتە: سورتلۇق ئۇرۇقچىلىق مەيدانى ئاياللىرى گىلەم توقۇماقتا.
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى