خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) سۇجۇ كەشتىچىلىكى ماھارىتى بۇيىچە تەربىيەلەش كۇرسى 9- يانۋار ئۇزۇن بازىرىنىڭ ئۇچقار 2- كەنتىدە رەسمىي دەرس باشلىدى . كۇرسىدا ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۇجۇغا بېرىپ 15كۈن مەخسۇس تەربىيەلىنىپ كەلگەن ئالتە نەپەر كەشتىچى ئايال ئۇستاملار سۇجۇنىڭ نەپىس كەشتە بۇيۇملىرىنى لايىھەلەش ۋە كەشتىلەش ماھارىتى بويىچە دەرس ئۆتتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئۇزۇن بازىرىدىكى 33نەپەر كەشتىچى ئاياللار قاتناشقان بولۇپ، 45كۈن پۈتۈن كۈندىلىك تۈزۈم بۇيىچە ھەقسىز تەربىيەلىنىدىكەن.
سۆرەتتە: سۇجۇ كەشتىچىلىكى ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈشلەر.
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى