باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئامما ئەتراپىدىكى «تۆت خىل خاھىش» ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىدىن 119نى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.01.11 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 8-يانۋار ئامما ئەتراپىدىكى «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىدىن 119 نى ئىسمىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ مەزكۇر تور پونكىتىنىڭ ئامما ئەتراپىدىكى «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى ئۇدا 7-قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولار مەملىكەتتىكى 30 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن 20سى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان، 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىن 13ى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان، 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن، شەندۇڭ، گەنسۇلاردىن يەتتىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان، 3-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولار ئىچىدە «دۆلەتنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىشىغا بەرگەن ياردەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش»، «مەخسۇس تۈر مەبلىغى ۋە قۇتقۇزۇش پۇلىنى يەۋېلىش»، «دۆلەتنىڭ دېھقانلارغا ياردەم بېرىش تولۇقلىمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش»، «بۇغدايغا بېرىلىدىغان بىۋاسىتە تولۇقلىمىنى يالغان مەلۇم قىلىپ قوشلاپ ئېلىش»، «يەر ئېلىش تۆلەم ھەققىنى يالغان مەلۇم قىلىش» قاتارلىقلار كۆپ بولۇپ، دۆلەت مەبلىغىنى ئېلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قاتارلىق دېلولاردىن 68ى باركەن، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان دېلونىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، مەزكۇر تور پونكىتى داۋاملىق ئامما ئەتراپىدىكى «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ئايدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدىكەن، قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ئارقىلىق قورقۇتۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى شەكىللەندۈرىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر