خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى) ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پارتكومى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەتجان توخنىيازدىن ئۆگىنىش چاقىرىقىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئونسۇ ناھىيەسى سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدىكى كادىر ساقچىلار ئارىسىدا ئىنقىلابىي قۇربان، مەملىكەتلىك ج خ سىستېمىسىدىكى 1-دەرىجىلىك قەھرىمان مەمەتجان توخنىيازدىن ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىدى.
7-يانۋار ئونسۇ ناھىيەلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ناھىيەلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدە مەخسۇس تېمىلىق دوكلات يىغىنى ئېچىپ، مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، بۇرچى ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىن باش تارتمايدىغان سىياسىي پەزىلىتى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇشتەك يۈكسەك ئىرادىسى، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خەۋپ-خەتەرۋە قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلىندى. دوكلات ئاڭلاشقا سىياسىي قانۇن سىستېمىسى ۋە ھەرقايسى يېزا، بازار، باشقۇرۇش رايوننىڭ سىياسىي قانۇنغا مەسئۇل خادىملىرىدىن بولۇپ 700دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر.
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى