باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«قاقشال گېزىتى» ئالقىشقا ئېرىشتى

2016.01.12 13:37   مەنبە: خەلق تورى

«قاقشال گېزىتى» ئالقىشقا ئېرىشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غوجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ھەم شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتىدىن 2-تۈركۈمدە «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزا قاقشال كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى چىقارغان «قاقشال گېزىتى» يېزىدىكى كادىرلار-ئاممىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا خەلق ئاممىسىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش پىلانى تۈزگەندە ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ گېزىت چىقىرىشنى ئويلاپ خىزمەتلەرنى باشلىدى.4-ئايدا تۇنجى سان «قاقشال گېزىتى» دۇنياغا كەلدى. بۇ گېزىت تۆت بەتلىك رەڭلىك بولۇپ خەۋەرلەر، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى، ئەدەبىيات گۈلزارى، تۆھپىكار- نەمۇنىچىلار مۇنبىرى قاتارلىق 12خىل سەھىپىدىن تەركىب تاپتى. ئايدا بىر سان، مىڭ پارچە نەشر قىلىنىپ يېزا بويىچە تارقىتىلدى . 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بۇ گېزىت توققۇز سان نەشر قىلىنىپ قاقشال كەنتىنىڭ جۈملىدىن تەۋەككۈل يېزىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

  شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى،قاقشال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل»خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غوپۇر جاپپار مۇنداق دېدى: « ئۈرۈمچىدىكى كەسىپداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن دۇنياغا كەلگەن بۇ گېزىت كادىرلار،ئاممىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى،ئاممىنىڭ مەمنۇنلۇقىنى كۆرۈپ بىزنىڭمۇ ھاردۇقىمىز چىقتى.2-ئاينىڭ بېشىدا تەكلىماكان باغرىدىكى مېھرىمىز چۈشۈپ قالغان بۇ ئەزىز تۇپراقتىن ئايرىلىمىز،3-تۈركۈمدە كەنتىگە كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلارنىڭ خەيرلىك ئىشلارنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل!»

  سۈرەتتە: ئامما «قاقشال گېزىتى» نى قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇماقتا

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى