باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركېل جىنايى ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغان پاناھلانغۇچىلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك دېدى

2016.01.11 09:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 9- يانۋار توزۇتۇش كىرگۈزۈلگەن ئالاقىدار قانۇنلارنى قوللايدىغانلىقىنى، گېرمانىيەدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن مۇساپىر ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مېركېل رەھبەرلىكىدىكى گېرمانىيە خىرىستىيان دېنى دېموكراتلار ئىتتىپاقى شۇ كۈنى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا يېڭى يىل كېچىسى گېرمانىيەنىڭ غەربىدىكى كۆلىن شەھىرىدە يۇز بەرگەن چوڭ كۆلەملىك باسقۇنچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋەقەسى ئاساسلىق تېمىغا ئايلاندى. يىغىندا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كۆلىن دېلوسىغا ئوخشاش بۇ خىلدىكى دېلولارنىڭ يۇز بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، گېرمانىيە ھازىر يولغا قويۇۋاتقان قانۇنلارغا تېخىمۇ قاتتىق توزۇتۇش كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى.

  نۆۋەتتە، كۆلىن دېلوسى بىلەن مۇساپىرلار مەسىلىسى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كىيىن ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى، كۆلىن دېلوسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىش تەشكىلاتنىڭ قوللىغۇچىلىرى 9- يانۋار كۆلىن شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىش ئارقىدىن زوراۋانلىق مالىمانچىلىققا ئايلىنىپ كەتتى، شۇ يەردىكى ساقچىلار يۇقىرى بېسىملىق سۇ ناسوسى ئارقىلىق نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتتى، ھەمدە خىلى كۆپ كىشىلەرنى تۇتتى.

  مېركېل يىغىندا مۇنداق دېدى: كۆلىن شەھىرىدە يۇز بەرگەن جىنايى ۋەقەگە قەتئىي ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك ، ئالاقىدار قانۇنلارغا توزۇتۇش كىرگۈزۈش ئارقىلىق جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش كېرەك ، بۇ گېرمانىيە پۇقرالىرىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇساپىلەر توپىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر