باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك شەھەر، مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

يۈ جېڭشېڭ تەستىق سالدى

2016.01.07 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك شەھەر، مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى 5-يانۋاردىن 6-يانۋارغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تەستىق سالدى.

  يۈ جېڭشېڭ تەستىقتا مۇنداق دېدى: شەھەر، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتى ۋە شەھەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەم ياخشىلاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ شەھەرلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى يادرو، ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە نوپۇسلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم نۇقتا، ئۆز ئارا يۇغۇرۇلغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شەھەر، مىللەتلەر خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەپسىلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شەھەرلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىشى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ شەھەرلەرگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر، مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ۋە خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر