باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

قۇرۇلۇش بانكىسى «13- بەش يىل»دا شىنجاڭنى قوللاشقا 500 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىدۇ

جاڭ چۈنشيەن ۋاڭ خۇڭجاڭ بىلەن كۆرۈشتى

2016.01.07 14:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 6 - يانۋار چۈشتىن كېيىن جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭنى 500 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ بىلەن قوللايدىكەن. بۇ، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تۇنجى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش لېدىر ۋاڭ خۇڭجاڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  كۆرۈشۈشتە جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيلىقىنى چىقىش قىلىپ، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى كۈچلۈك قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ بۇ 500 مىليارد يۈەن مەبلىغى شىنجاڭنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىدۇر، شۇنداقلا قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ شىنجاڭ بازىرىنى يەنىمۇ ئېچىشىدىكى ياخشى پۇرسەت. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، قۇرۇلۇش بانكىسى بىلەن تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، 500 مىليارد يۈەن مەبلەغنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ پۇللارنى ھەر مىللەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلەرگە، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىپ، قوش مەنپەئەت ئېلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ۋاڭ خۇڭجاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ ئەل» خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. شىنجاڭنى قوللاشقا بېرىلىدىغان 500 مىليارد يۈەن مەبلەغنىڭ %30ى قەرز بولۇپ، قالغان قىسمى زايومغا، مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا، روزىغارچىلىق قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىگىلىك تىكلەشتە يېڭىلىق يارىتىش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  كۆرۈشۈشكە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۈن، ۋەن خەيچۈەن، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى جاڭ گېنشېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر