باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسى «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

2016.01.07 14:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسى يېقىندا «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىپ، دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئەزالىرى ئارىسىدا «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»تا ساقلانغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىدنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا نەيىم ياسىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى ۋە باش بولۇپ ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلىش، ھوقۇق تۇتۇشتا ئۆز - ئۆزىنى قاتتىق باشقۇرۇش، يېڭىلىق ياراتقۇچىلاردىن بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىپ، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر قاتلامدىن ئىزدەپ تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى، ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردى، رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. بۇ، سىياسىيدا مۇستەھكەم، دادىل يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىتتىپاق، دېموكراتىك بولغان بەنزە؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا كۆڭۈللەرنى مۇجەسسەملەيدىغان، يول كۆرسىتىشكە كۈچ چىقىرىدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى پارتگۇرۇپپىسى بەنزىسى «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى ياخشى ئېلىپ بېرىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەۋقەنى سادىق، پاكىز، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىدىيەۋى تەربىيە، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قائىدە ئورنىتىپ ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، «تەلەپچان، راستچىل بولماسلىق» مەسىلىسىنى كۈچەپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەدە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  نەيىم ياسىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرنى چىڭىتىشى كېرەك. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن يۈكلىگەن ھوقۇقنى ئەستايىدىل ئىشلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئۆزگىرىش ياساش، دادىل ئۈستىگە ئېلىش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار يېتەكچىلىك قىلدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر