باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن 2015-يىلى «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توققۇز ئىش قىلدى

2016.01.04 14:43   مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن 2015-يىلى «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توققۇز ئىش قىلدى

  زۇڭلى لى كېچياڭ 2015-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، ساغلاملىق ئاممىنىڭ ئاساسىي تەلىپى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك، دېدى. ئاممىنىڭ «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن دەرىجىگە ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش-داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇش، يېزا-كەنتلەرنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم سىياسەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.

  1. دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىپ، دورا باھاسىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلەتتىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2-ئايدا «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

  2. يېزا-كەنتلەرنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ داۋالاش، ساقلىقىنى ساقلاش مۇلازىمەت تورى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 3-ئايدا «يېزا-كەنتلەرنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت تورى ئاساسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىدى.

  3. داۋالاش-قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئادە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 4-ئايدا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارغا «داۋالاش-قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئادە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، داۋالاش-قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئادە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  4 . ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا داۋالىنىشى ئۈچۈن تىرىشتىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 5-ئايدا «ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تارقاتتى

  5. شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، «دورا بىلەن دوختۇرلارنى بېقىش، توپلىشىپ كېسەل كۆرسىتىش» قاتارلىق ئەھۋاللارنى ھەل قىلدىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 5-ئايدا «شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى.

  6. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر خىل كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇردىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 6-ئايدا «ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت تەدبىر»نى ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۆلەملەشكەن، يۇقىرى سەۋىيىدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى بىلەن ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان دوختۇرخانىلارنىڭ بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلەتتى.

  7. ئائىلىۋى ئاپەت خاراكتېرلىك داۋالاش چىقىمى قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالدىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 8-ئايدا «شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈردى.

  8. دەرىجىگە ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملىدىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 9-ئايدا «دەرىجىگە ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلمىي، تەرتىپلىك داۋالاش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلدى ۋە ياخشىلىدى.

  9 . داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 11-ئايدا سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا «داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ كۆپ قاتلاملىق، ھەر خىل ساغلاملىق، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەلىپىنى قاندۇردى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…
      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى