باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىنىستىر، كومىتېتلار يېڭى يىللىق پىلانلىرىنى ئېلان قىلدى

مۇھىم ئىسلاھات لايىھەلىرى ئېلان قىلىنىدۇ

2016.01.06 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى قانداق مۇھىم ئىسلاھات لايىھەلىرى ئېلان قىلىنىدۇ؟ نۇرغۇن مىنىستىر، كومىتېتلار يىللىق خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، يېڭى يىللىق پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، كۈتۈنۈش پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، جايلارنىڭ GDPسىنى بىر تۇتاش ھېسابلاش، 100 مىليون يېزا نوپۇسىنى شەھەر نوپۇسىغا ئالدۇرۇش، «ئۆلۈك كارخانا»لارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم ئىسلاھات لايىھەلىرى بۇ يىل ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن. لايىھەنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى كۆپلىگەن ئىسلاھات پايدىسىغا ئېرىشىدۇ، ئاممىنىڭ «ئېرىشىش» تۇيغۇسى ھەقىقىي ئاشىدۇ.ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈلىدۇ

  −− كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش تېخىمۇ قولايلىقلىشىدۇ

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لوۋ جىۋېي مەملىكەتلىك مالىيە خىزمىتى يىغىنىدا، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئالدىنقى مەزگىلدە ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، شەخسىي ئىسچوتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جايلارنىڭ GDPسىنى بىر تۇتاش ھېسابلاشنى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈلىدۇ

  −− جايلارنىڭ GDPيىغىندىسى مەملىكەتنىڭكى بىلەن «ئۇرۇشمايدۇ»

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ باۋئەن مەملىكەتلىك ئىستاتىستىكا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2016-يىلى بەش چوڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇلار جايلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىر تۇتاش ھېسابلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۇتاش ھېسابلاشنى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «ئۆلۈك كارخانا»لارنى بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي لايىھەسى تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلىدۇ

  −− سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مياۋ يۈ مەملىكەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 2016-يىلى، كەسىپلەرنى قايتا تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۆلۈك كارخانا»لارنى بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىپ يولغا قويۇپ، يۆلەش تەدبىرلىرىنى ماس ئېلان قىلىپ، «ئۆلۈك كارخانا»لارنى سىلىق چېكىنىپ چىقىشقا يېتەكلەپ، ئىستراتېگىيەلىك بىرىكتۈرۈش، قايتا تەشكىللەشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تور قۇرۇلۇشى ۋە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى تۈزۈلىدۇ

  −− ئامما تېخىمۇ كۆپ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش پايدىسىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ

  مەملىكەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تور قۇرۇلۇشى ۋە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى تۈزۈپ، تىرىشىپ 2016-يىلى رايون تەسىس قىلغان بارلىق شەھەرلەرنى ئوپتىك تالالىق تور بىلەن قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، 20 مېگابايتتىن يۇقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق ئابونتلارنىڭ نىسبىتىنى ٪50تىن ئاشۇرۇش، 4 G ئابونتىنى 600 مىليونغا يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  100 مىليون يېزا نوپۇسنى شەھەر نوپۇسىغا ئالدۇرۇش لايىھەسى تۈزۈلىدۇ

  −− 100مىليون كىشىنىڭ «شەھەرلىشىش ئارزۇسى» روياپقا چىقىدۇ

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى مەملىكەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تاۋار ئۆينىڭ بېسىلىپ قېلىش مەسىلىسىنى تەرتىپلىك ھەل قىلىش كېرەك. 100 مىليون يېزا نوپۇسنى شەھەر نوپۇسىغا ئالدۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئالاقىدار تارماقلارغا پائال ماسلىشىپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شەھەرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

  نامرات نوپۇس، نامرات ناھىيە ۋە نامرات يېزىلارنى چېكىندۈرۈشنىڭ يېتەكچى پىكرى تۈزۈلىدۇ

  −− نامراتلىقتىن يالغان قۇتۇلدۇرۇش، ساندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ

  مەملىكەتلىك يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدا 2016-يىللىق يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ ئۈچ تۈرلۈك مېخانىزمنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىككىنچى، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش، ئۈچىنچى، 3-تەرەپ باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىش. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر