باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سىياسىيدا مۇستەھكەم باشلامچىلاردىن، سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان جەڭگىۋارلاردىن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرداشلىرىدىن بولۇش كېرەك

2016.01.05 14:55   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

سىياسىيدا مۇستەھكەم باشلامچىلاردىن، سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان جەڭگىۋارلاردىن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرداشلىرىدىن بولۇش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات خىزمىتى ۋە قىشلىق لېكسىيە سۆزلەش، سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

  سىياسىيدا مۇستەھكەم باشلامچىلاردىن، سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان جەڭگىۋارلاردىن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرداشلىرىدىن بولۇش كېرەك

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات خىزمىتى ۋە قىشلىق لېكسىيە سۆزلەش بويىچە سەپەرۋەرلىك يىغىنى 4 - يانۋار ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى مۇنەۋۋەر لېكسىيە سۆزلەش كوللېكتىپى ۋە شەخسلەر تەقدىرلەندى، ئاپتونوم رايون بويىچە قىشلىق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلامدا لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش شىنجاڭنىڭ لېكسىيە سۆزلەش، تەشۋىقات خىزمىتىدىكى مۇھىم يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر سىياسىيدا مۇستەھكەم باشلامچىلاردىن، سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان جەڭگىۋارلاردىن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرداشلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىق سۆزلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكلەش يۆنىلىشىنى توغرا كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاساسىي قاتلامنىڭ لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جايلارمۇ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، قىسقىغىنا بىر قانچە يىلدا ئاپتونوم رايون بويىچە 16 مىڭ كىشىلىك يەرلىك لېكسىيەچىلەر قوشۇنى، 10 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق كادىرلار لېكسىيە سۆزلەش قوشۇنى شەكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان، سۆزلەشكە ماھىر، دادىللىق بىلەن قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرەلەيدىغان، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىلغار لېكسىيە سۆزلەش كوللېكتىپى ۋە شەخسلەر بارلىققا كەلدى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئىلغار لېكسىيە سۆزلەش كوللېكتىپى ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى. غۇلجا شەھىرىنىڭ 1000 كىشىلىك يەرلىك لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى قاتارلىق 20 ئورۇن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي قاتلامدىكى ئىلغار لېكسىيە سۆزلەش كوللېكتىپى دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. گۇما ناھىيەسى مۇجى يېزىسىنىڭ باغلا كەنتىدىكى دېھقان ئابلىز ئابباس قاتارلىق 89 كىشى ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيە سۆزلىگۈچى ئىلغار شەخس، شەرىپىگە ئېرىشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر ئامما ئارىسىدا ياشايدىغان بولغاچقا، ئاساسى پۇختا، ئۇلار ئاممىنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى قايمۇقۇشىنى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىنى ئەڭ ياخشى ھېس قىلالايدۇ. ئاساسىي قاتلامدا لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش شىنجاڭنىڭ لېكسىيە سۆزلەش، تەشۋىقات خىزمىتىدىكى مۇھىم يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ، ئاساسىي قاتلامدا لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۆپچىلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى لېكسىيەدە جانلىق ئىپادىلەپ، «قەيەردە ئامما بولسا، شۇ يەردە لېكسىيە سۆزلەش، ئامما قەيەردە بولسا شۇ يەردە لېكسىيە سۆزلەش»تىن ئىبارەت لېكسىيە سۆزلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقانلارنى لېكسىيە سۆزلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بىر تۈركۈم لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنى بايقاپ ھەم يېتىشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «نېمىنى سۆزلەش»، «قانداق سۆزلەش» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتۇر. بىرىنچى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدا لېكسىيە سۆزلىگەندە مەركەزنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، شىنجاڭ روھىنى تەكىتلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىشى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش تەدبىرلىرى ئېنىق چۈشەندۈرۈلۈشى؛ ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى ياخشى تەشۋىق قىلىنىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنىنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئاڭلىق ھالدا يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆزلەپ، «بەش ئاچقۇچ»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئۈچ تەرەپ تەڭ تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش يۆنىلىشىنى توغرا سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەدەنىي، ئىلمىي، تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، زامانىۋى مەدەنىيەتتىن پايدىلىنىپ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى زامانىۋىلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ئىش - پائالىيەتلەر، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ھېكايىلىرى، جايلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىنى تەسىرلەندۈرۈپ ۋە تەربىيەلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق ئاسراش ۋە قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنى مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەپ، سىياسىيدا مۇستەھكەم باشلامچىلاردىن، سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان جەڭگىۋارلاردىن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرداشلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر مەيدانى مۇستەھكەم، سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر بولۇشى، ئۆزىنىڭ قەتئىيلىكى ۋە ئىشەنچى ئارقىلىق ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى كېرەك. لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر ھەم سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، ھەم سۆزلىيەلەيدىغان بولۇشى، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى، ھەققانىيەتنى دادىل، مەردانە تەشۋىق قىلىشى، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەپ، پىكىرلىشىش ماھارىتىنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، ئامما ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەشتەك نىشانغا يېتىشى كېرەك. ئائىلە ئەزالىرى، قوشنىلار، دوستلاردىن باشلاپ سۆزلەپ، ئامما بىلەن يېقىن، سىرداش بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىزغىن ھال - ئەھۋال سوراپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئائىت پاراڭلار ئارقىلىق غەمدىن خالاس قىلىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئاممىغا سىرداش لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، تارماقلار ئاساسىي قاتلامنىڭ لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى، ياخشى تەشكىللىشى، قانات يايدۇرۇشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىش پەسلىدە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە تەشكىللەپ، ئەمەلىي، چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئېنىق سۆزلەش، ئائىلىلەرگىچە سۆزلەش، ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، تەقدىرلەنگەن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇقېيۇم روزى، كۆكتوقاي ناھىيەسى دۈرە بازىرىنىڭ قاراسۇ كەنتىدىكى چارۋىچى نەزىرىيەت مىرزاقان، خوتەن ناھىيەسى بۇزاق يېزىسىنىڭ ئازنا بازار كەنتىدىكى دېھقان جېلىل مەتنىياز، غۇلجا شەھىرى ئىلى دەرياسى يولى كوچا باشقارمىسى ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى مېھرىنسا تۇردى، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى مىرشات تۇرسۇن، قەشقەر ۋىلايىتى تاشقى ئىشلار - مۇھاجىرلار ئىشخانىسىدىن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ غازلا كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيې قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى ھەم لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، خەن يۇڭ، شاۋكەت ئىمىن، شيۇڭ شۈەنگو، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…