باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ كوماندىسى بۇ پەسىلدە ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇردى

2016.01.07 13:18   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ كوماندىسى بۇ پەسىلدە ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-يانۋاردىكى CBAبىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 27-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا شەندوڭ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ، 110غا قارشى 100نومۇر بىلەن رەقىبىگە يېڭىلىپ قالدى. بۇ مەغلۇبىيەت شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى قېتىم ئۇدا ئىككى قېتىم يېڭىلىپ قېلىشى بولۇپ قالدى.

  مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن شەندوڭ كوماندىسى قاتتىق ھۇجۇم قوزغاپ، 5:11نەتىجە بىلەن ئالدىدا تۇردى. شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇمدا ئۇدا كەتكۈزۈپ قويۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا ئاران 11نومۇر ئالدى، بىراق شەندوڭ كوماندىسى 34نومۇر ئالدى. ئىككىنچى باسقۇچتا شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىرئەلىجان يىراقتىن كۆپ قېتىم توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى بىر خانىلىق سانغا چۈشۈردى. بىراق ھالقىلىق پەيتتە شەندوڭ كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىرى جېتېر مەيدانغا چىقىپ، ئۇلاپ ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن ئىككىنى كىرگۈزدى. شەندوڭ كوماندىسى 44نومۇرغا قارشى58نومۇر بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيداننى ئاخىرلاشتۇردى.

  ئۈچۈنچى باسقۇچتا شىنجاڭ كوماندىسى ئىچكى سەپنى ئاساس قىلىپ ئوينىدى، جوۋچى بىلەن بلاتچى ئۇدا نومۇر ئېلىپ، يەنە بىر قېتىم نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى. بىراق ئۈچۈنچى باسقۇچنىڭ ئوتتۇرىسىدا شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىرئەلىجان يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىپ، شىنجاڭ كوماندىسى سىرتقى سەپتىكى نومۇر ئېلىش نۇقتىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، شەندوڭ كوماندىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 22نومۇرلۇق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۈچۈنچى باسقۇچنى ئاخىرلاشتۇردى. ئاخىرقى بىر باسقۇچتا شەندوڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم نىسبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى چۈشۈپ كەتتى، شىنجاڭ كوماندىسى ئەكسىچە نومۇر ئېلىش ئىستىكى كۈچلۈك بولغان بىلەن توختىماي كەتكۈزۈپ قويدى، نومۇر پەرقى ئىزچىل 10نومۇردىن يۇقىرى بولۇپ كەلدى، ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 110غا قارشى 100نومۇر نەتىجە بىلەن شەندوڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.

  كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق مېھمان مەيداندا شەندوڭ چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى