باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەركەزدىكى 1-دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتى ئەۋەتىشىنى ماقۇللىدى

2016.01.06 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەركەزدىكى 1-دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتى ئەۋەتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى لايىھەسى»نى تارقاتتى. مەركىزىي كومىتېت مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەۋەتىدىغان ۋاكالەت ئاپپاراتىدىن 47نى تەسىس قىلىشنى، ئۇلارنىڭ 27سى ئارىلىشىپ تۇرۇش، 20سى يەككە تۇرۇشنى، ئەۋەتىلىدىغان ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى مەركەزدىكى 1-دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگىنىنىڭ 139نى قاپلاشنى قارار قىلدى ۋە رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، فۇنكسىيەنى تەڭشەش، ئاساسلىق مەسئۇلىيەت، ئاپپارات تەسىس قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى.

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا، «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەركەزدىكى 1-دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتى ئەۋەتىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش نام قويۇپ، باشقۇرۇش كېرەك. ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئەۋەتىلگەن ئورگانلارغا مەسئۇل بولۇپ، نازارەتچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلىندى. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، دەرھال يولغا قويۇپ ئۆزگەرتتى. مەركىزىي كومىتېت 2014-يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلغان «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋاكالەت ئاپپاراتى ئەۋەتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە لىنىيە خەرىتىسىنى بېكىتتى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلاپ ماقۇللىشى بىلەن 2015-يىلى 1-ئايدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا يېڭىدىن يەتتە ۋاكالەت ئاپپاراتى تەسىس قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەشى ئارىلىشىپ تۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ۋاكالەت ئاپپاراتى ئەۋەتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى يول ئىزدىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر