باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى سانائەت ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى 0.7يۈەن تۆۋەنلەتتى

2016.01.06 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى سانائەت ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ھەر كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى 0.7يۈەن تۆۋەنلەتتى، بۇ قېتىمقى باھا تەڭشەش ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان تەبىئىي گاز باھاسىغا چېتىلمايدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگەللىشىچە، بۇ كومىتېت «سانائەت ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ سېتىلىش باھاسىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2016 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ سانائەت ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ھازىرقى ھەر كۇب مېتىرى 3.09يۈەندىن 2.39يۈەنگە چۈشۈرگەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز(گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «شىنجيې» يېقىلغۇ گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق يېقىلغۇ گاز تىجارىتى قىلىدىغان كارخانىلاردىن سانائەت ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گاز باھا سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

  2015 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى نېفىت، تەبىئىي گاز ھەمتۈرتكە مېخانىزمىغا ئاساسەن، ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى ئىككى قېتىم تەڭشىگەن. 2015 - يىل 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان ھەر كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ باھاسى 4.07يۈەندىن 3.76يۈەنگە تۆۋەنلىتىلگەن، 2015 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە بىر قېتىم ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ ھەر كۇب مېتىرىنىڭ باھاسىنى 0.7يۈەن تۆۋەنلەتكەن، باھا تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان ھەر كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ باھاسى 3.06يۈەن بولغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر