باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى سىرتقا تەسىر كۆرسەتتى

2016.01.06 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەر 3-يانۋار، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ تەسىرى بىلەن، بەھرەين، سۇدان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىقلار 4-يانۋار ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى، ياكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىنى، زىددىيەتنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4- يانۋار ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە پارس قولتۇقى رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان ۋە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغان ھەر قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشىدىن ساقلىنىشنى جىددىي مۇراجىئەت قىلىدۇ . رۇسىيە ، دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇرەككەپ ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، رۇسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن زور بولغان ياردەملەرنى بېرىشنى خالايدۇ.

  گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سەيبت 4- يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈمەتنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گېرمانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ سۆزلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقى، ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سۇرىيە ۋە يەمەن كىرىزىسى ھەمدە پۈتكۈل رايون مۇقىملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 4-يانۋار تاراتقۇلارغا، فىرانسىيەنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ۋەقەسى توغرىسىدا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگەيرىنى 3-يانۋار ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەر بىلەن ئايرىم ئايرىم تېلېفونلاشتى. موگەيرىنى مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەر ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ، دىنى مەزھەپلەر توقۇنۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىدىن تېرىشىپ ساقلىنىشنى كېرەك . نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئاساسلىق رايون كۈچلىرى سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ۋە تېررورلۇققا بىرلىشىپ زەربە بېرىش يولىدا تىرىشماقتا، بۇ تىرىشچانلىقلار يېڭى مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك . ئۇ ، نۆۋەتتىكى داۋالغۇش ۋەزىيىتىدە، بارلىق رايونلاردىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر