باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى قار - مۇز ساياھىتى جانلاندى

2016.01.06 13:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش قىزغىنلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەمدىلا ئاياغلاشقان يىڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قار - مۇز ساياھىتى جانلاندى.

  ئىگەللىنىشىچە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن. ئالتايدىكى «جياڭجۈنشەن» چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ھەر كۈنى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 2000دىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بەش ھەسسە ئەتراپىدا كۆپەيگەن؛ ئۈرۈمچى «ئاق بۇلۇت» خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان؛ ئۈرۈمچى «ۋېستى» چىراغلىق چاڭغا تېيىلىش مەيدانى كۈندە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 5000دىن ئاشقان. بەزى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىدا كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللاردا چاغان مەزگىلىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىغا يەتكەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر بېسىق مەزگىلى بالدۇر يېتىپ كەلگەن.

  ئىگەللىنىشىچە، بۇ يىل «شىنجاڭنى سۆيۈپ، يۇرتىمىزنى ساياھەت قىلايلى» قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت باش تېمىسىدىكى پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغان مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قار - مۇز ساياھىتى، قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار 1 - ئايدىن باشلاپ يۈرۈشلۈك قار - مۇز ساياھىتى ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىپ، قار - مۇز ساياھىتىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر