- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىسرائىلىيە لىۋاننى توپقا تۇتۇپ ئاللاھ پارتىيەسىدىن ئۆچ ئالدى
2016.01.06 08:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 4- يانۋار چۈشتىن كىيىن، لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان سابا دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ چارلىغۇچى ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئىلىش ئۈچۈن، لىۋان ئىسرائىلىيە چېگراسىدىكى لىۋان تەرەپكە بىر قانچە پاي توپ ئاتتى، ھەمدە ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى كۆپ قېتىم چېگرا رايوننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا ئايلىنىپ يۈردى. ئارقىدىن، ئاللاھ پارتىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاللاھ پارتىيەسى قوراللىق خادىملىرىنىڭ 4- يانۋار ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان سابا دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ چارلىغۇچى ئاپتوموبىل ئەترىتىگە بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ، بىر ئاپتوموبىلىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى، ئاپتوموبىلدىكى خادىملارنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ ماياك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئەينى ۋاقىتتا بۇ چارلىغۇچى ئاپتوموبىل ئەترىتىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بار ئىكەن، ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندا ئىلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى سامىر كەنتاردىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر